مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بەزى تور بېكەتلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى " بىر خوش خەۋەر "دەپ كۆرسىتىپلا قالماي، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېكىتى ئېچىۋېتىلگەنلىكىگە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلدىن بېرى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتىگە چەكلىمە قويغان ئىدى. لېكىن مەزكۇر ئورگان جۈمە كۈنكى باياناتىدا يەنە "قايسى تور بېكەتلىرىگە كىرىشكە بولىدىغان، قايسىلىرىغا كىرىشكە بولمايدىغانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەت..."،"چەكلىمىنىڭ قىسمەن بىكار قىلغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا بېسىمغا پۈتۈنلەي ئېرەڭسىز قارىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە " دەپ ئەسكەرتتى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولسا مەزكۇر ئورگاننىڭ تور بېكىتى ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. لېكىن "تور بېكەتلىرىنى خالىغانچە تاقىۋېلىش ياكى ئېچىۋېتىش خەلقئارا ئۇچۇر ۋە ئىپادە ئەركىنلىك ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بىجا كەلتۈرگەنلىك ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.
كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان پروگراممىسى مەسئۇلى روسان رايېف،" بىز دائىرىلەرنى مەتبۇئات ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خەلقئارا ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىش توغرىسىدىكى ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ئىنتېرنېتكە توسالغۇسىز كىرىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز " دېدى.