ئولىمپىك ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ 2001 - يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى، ئادەم تۇتۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.
دوكلاتتا، خىتايدا ئۆلۈم جازالىرى، قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش،كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىنىڭ زورلۇق - زومبۇلۇققا ئۇچرىشىشى، ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە قارىتىلغان چەكلەش قاتارلىق تۆت نۇقتا بۇيىچە خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى تەپسىلىي قاراپ چىقىلغان ئاساستا "ئەمەلىيەتتە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇخبىرلار، ۋە ئادۋوكاتلار پەقەت بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك ساھىپخانلىقى ئۈچۈنلا تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇلدى" دەپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت قىسمىدا بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ يەرلىك ئاممىنى بىئارام قىلىدىغان بىر جىددىي ۋەزىيەتتە قويغانلىقى ھەتتا قەشقەردە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا يەرلىك ئاممىنى زىيارەت قىلماسلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەزكۇر دوكلاتى ئارقىلىق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە دۇنيا سىياسىي رەھبەرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جىيەنچاۋ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى رەت قىلىپ بەرگەن باياناتىدا : "خىتاينى چۈشىنىدىغان ھەر قانداق بىر ئادەم، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتتا خىتايغا قاراتقان تەنقىدلىرىگە قوشۇلمايدۇ" دېدى.
ھالبۇكى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ت. كۇمار ئەپەندى ئۆز تەشكىلاتى ئېلان قىلغان مەزكۇر دوكلاتنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلى ئولىمپىك ساھىپخانلىقىنى تالىشىۋاتقاندا بەرگەن ۋەدىلىرى ۋە شۇ ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش دەرىجىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى پاكىتلار ئاساسىدا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.