خەلقئارالىق راي سىناش، خىتاي خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات سىياسىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

يېقىندا ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ "دۇنيا جامائەت پىكرى" ناملىق تور بېتىدە، دۇنيادىكى 20 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوللاش - قوللىماسلىق ھەققىدىكى راي سىناشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان.

راي سىناش خۇلاسىسىدا، ھۆكۈمەت ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلىمەسلىكى كېرەك دەپ ئاۋاز بەرگۈچىلەر، ئارگىنتىنادا %70، مېكسىكىدا %79، مىسىردا %64، خىتايدا بولسا %58 نى ئىگىلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنگە قەدەر ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ چەكلىمىسىنى خىتاينىڭ ئالاھىدە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن دەپ تەرىپلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. خىتاي يەنە، ئۆزلىرىنىڭ ئاخبارات جەھەتتىكى كونترولىنى خىتاي خەلقىنىڭ توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە خىتاي ئىچى - سىرتىدا داۋام قىلىۋاتقان غەرب ئاخباراتىغا قارشى نامايىشلار، خىتاي خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ.