ئولىمپىك مەشئىلى جۈمە كۈنى سەھەردە ئاۋسترالىيىدىن مەخسۇس ئايروپىلاندا توكيوغا ئېلىپ كېلىنگەن. مەشئەلنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ياپونىيىنىڭ ناگانو شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلماقچى ئىدى. مەشئەلنى ناگانوغا ئېلىپ ماڭغان ئاپتوۋۇز تېز سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتقاندا 2 ياپونىيىلىك نامايىشچى ئاپتۇۋۇزدىكىلەرگە تىبەت بايرىقىنى پۇلاڭلاتقان.
ئولىمپىك مەشئىلى شۇ كۈنى چۈشلەردە ناگانو شەھىرىدە يېتىپ كەلدى. رېئويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى ناگانو شەھىرىدە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ نەچچە يۈز كىشىلىك نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ياپونىيىدىكى تىبەتلەر، تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى زاتلار، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار ۋە شەخسلەر مەشئەلنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە نامايىش قىلىشى مۈمكىن.
ئەسلى ناگانودىكى مەشئەلنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى زېنكوجى ئىبادەتخانىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. لېكىن مەزكۇر ئىبادەتخانا خىتاينىڭ تىبەتلەرنى باستۇرغانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن مۇراسىمنى مەزكۇر ئىبادەتخانىسىدا ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلدى.
يەنە بەزى خەۋەرلەردە شۇ كۈنى ياپونىيىدىكى خىتايلاردىن ئولىمپىكنى قوللايدىغان تەخمىنەن 2000 ئوقۇغۇچىنىڭ ناگانو شەھىرىگە توپلانغانلىقى، ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ 3000 نەپەر ساقچىنى سەپەرۋەر قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.