ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىدىغان، بايلىقلارنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئافرىقا سىياسىتى قاتتىق تەنقىدلەنگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ سۇدان ۋە زىمبابۋيدەك دۆلەتلەرگە مەبلەغ سالماسلىقى، ئافرىقىدا خىتاي قوللاۋاتقان ھەر قانداق چىرىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن كېلىشىم تۈزمەسلىكى تەشەببۇس قىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدا يېقىندىلا خىتاينىڭ تىبەتتە يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقىنى ئەيىبلەيدىغان بىر قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ خەلقئارادا قوللىنىۋاتقان ھەر بىر ھەرىكىتى خەلقئارانىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولمايدىغان ھازىرقىدەك بىر يېڭى ۋەزىيەتتە، بۇ قېتىم يەنە خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان بۇ دوكلات ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
ياۋروپا پارلامېنتىدا بۇ دوكلات ھەققىدە باھا ئېلان قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى ئافرىقىدىكى يېڭى مۇستەملىكىچى' دەپ كۆرسەتتى، بۇ دوكلاتنى دەرھال ماقۇللاشنى تەۋسىيە قىلدى.