يەھۇدىلارنىڭ دىنىي يېتەكچىلىرىدىن 175 كىشى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى يەھۇدىلارنىڭ دىنىي تەشكىلات يېتەكچىلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىلارنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرماقتا.

بۇ چاقىرىققا يەھۇدىلارنىڭ دىنىي تەشكىلاتلىرى، مەكتەپ خىزمەتچىلىرى ۋە مەشھۇر زاتلىرىدىن 175 ئادەم ئىمزا قويغان. بۇ چاقىرىقتا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، بولۇپمۇ تىبەت مەسىلىسىدىكى ھەرىكىتى ئەيىبلەنگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىران، سۈرىيە ۋە خاماس بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار، دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يەھۇدى تەشكىلاتلىرى بۇ تەشەببۇسنامىسىنى 5 ‏ - ئاينىڭ 2 ‏ - كۈنى، يەنى گېتلېر گېرمانىيىسى يەھۇدىلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان چوڭ قىرغىنچىلىقنى ئەسلەش كۈنى ئوچۇق ئېلان قىلماقچى.