كاراچىدا قەشقەر سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىخىي شەھەر قەشقەر، 24 - ئىيۇندا پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز پورتى كاراچىدا سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزىدۇ. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 كۈن داۋاملىشىدىغان يەرمەنكىنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك تاشقى سودا ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان. ۋىلايەتلىك تاشقىي سودا ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر، يەرمەنكە پاكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدىكى سودا - ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەد، دەپ كۆرسەتمەكتە.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، تاشقى سودا ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى، " بۇ قېتىمقى يەرمەنكە ئارقىلىق قەشقەرنى جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە تونۇشتۇرۇش شۇنداقلا يەرلىكلەرنىڭ سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز،" دەپ كۆرسەتكەن.

دائىرىلەر، قەشقەرنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئېلىش - بېرىش مەركىزى شۇنداقلا ئارقاسەپ بازىسى بولۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەرمەنكىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار، خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن بولۇپ جەمئى 1000 دىن ئارتۇق سودىگەرنى يەرمەنكىگە تەكلىپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى قەشقەرنى ئېچىش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە. ئەمما خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۆشۈكى بولۇش ئالاھىدىلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرۇشىدىن ئەنسىرىمەكتىكەن. (ئەركىن)