زىمبابۋىدىكى سايلام كرىزىسىغا دۇچ كەلدى

زىمبابۋىدا داۋاملىشىۋاتقان پرېزىدېنت سايلىمى، ئوكتىچى نامزات تەرەپدارلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن كرىزىسقا دۇچ كەلدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پرېزىدېنت Robert Muagabe تەرەپدارلىرى ئوكتىچى گۇرۇپپىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى Morgan Tsvangra تەرەپدارلىرىغا قارىتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلغاندىن كېيىن، ئوكتىچى گۇرۇپپا نامزاتى مورگان جۈمە سايلامدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

شۇ كۈنى ساقچىلار يەنە بىر تۈركۈم مورگان تەرەپدارلىرىنى تۇتقۇن قىلغان. مورگان ئۆز قوراسىنىڭ سۈيىقەستچىلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئالغاندىن كېيىن، زىمبابۋىدىكى گوللاندىيە ئەلچىخانىسىغا كىرىپ پاناھلانغان.

دۈشەنبە كۈنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، زىمبابۋىدىكى سايلامنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئىمكانسىزلاشقانلىقىنى، بۇنىڭغا پرېزىدېنت روبەرت مۇگابې ھۆكۈمىتى قوزغىغان زىراۋانلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە ئوكتىچى نامزات، مورگان گوللاندىيە ئەلچىخانىسىدا پاناھلىنىقلىق، ئەمما پرېزىدېنت مۇگابى سايلامنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ ئوكتىچى نامزات مورگاننىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. مورگان بولسا، گوللاندىيە ئەلچىخانىسىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىمىگەنلىكىنى، پەقەت ۋاقىتلىق پاناھلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي زىمبابىۋىنىڭ 84 ياشلىق پرېزىدېنتى مۇگابىنىڭ يېقىن قوللىغۇچىسى. خىتاي بۈگۈن زىمبابىۋى سايلىمى ھەققىدىكى باياناتىدا تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان. ئەمما سايلامنىڭ داۋاملىشىشى ياكى داۋاملاشماسلىقى ھەققىدىكى سوئالنى جاۋابسىز قالدۇرغان. خەلقئارا خەۋەرلەر خىتاينىڭ زىمبابۋى سايلام كرىزىسىدە يەنە بىر قېتىم دىكتاتورلارغا چاپان ياپقانلىقىنى بايان قىلماقتا.