شى جىنپىڭ شېنجېندا سۆزلىگەن نۇتقى جەريانىدا قايتا-قايتا يۆتىلىپ، سۆزىنى داۋام قىلىشتا قىينالغان

«خەۋەر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى سېكرېتارى شى جىنپىڭ چارشەنبە كۈنى شېنجېندا سۆزلىگەن نۇتقى جەريانىدا بىر نەچچە قېتىم يۆتىلىپ كەتكەن، خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىۋاتقان ئاپپاراتنى شى جىنپىڭدىن يۆتكەپ باشقا كۆرۈنۈشلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ شېنجېن ئالاھىدە تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان يىغىندا 50 مىنۇتتىن ئارتۇق سۆزلىگەن ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە قايتا-قايتا يۆتىلىپ سۆزىنى داۋام قىلىشتا قىينالغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خوڭكوڭدىن چىقىدىغان «ئالما» كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدىمۇ بېرىلگەن. خەۋەردە، تېلېۋىزور كۆرۈنۈشلىرىدە شى جىنپىڭنىڭ يۆتىلىپ كېتىپ سۇ ئىچكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، يىغىننى نەق مەيداندىن تارقىتىۋاتقان خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شى جىنپىڭ يۆتىلىپ كەتكەندە ئاپپاراتنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا يۆتكىگەن بولسىمۇ، شى جىنپىڭنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەر تەيۋەن «ياخۇ خەۋەرلەر تورى» دىمۇ بېرىلگەن. ئۇلار خەۋەر تېمىسىدا «شى جىنپىڭ قاتتىق يۆتەلدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا شى جىنپىڭ 50 مىنۇتلۇق نۇقتىنىڭ ئاخىرقى 7 مىنۇتلۇق قىسمىدا 4 قېتىم يۆتەلگەن.

«ۋايس» خەۋەرلەر تورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ يۆتىلىش ھادىسىسى ئۇنىڭ سالامەتلىكى ھەققىدىكى ھەر خىل گۇمان ۋە پەرەزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان.

س ن ن نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ كورونا ۋىرۇسىنى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ يۆتىلىگە زالنىڭ ھاۋاسى، نۇتۇق ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.