خىتاينىڭ جەنۋەدە بازارغا سالغان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» تەشۋىقاتى رەددىيەگە دۇچ كەلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.07.12
bdt-56-uyghur-1024 ب د ت نىڭ 56-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىدە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى رەيھانگۈل ئىمام سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 3-ئىيۇل، جەنۋە
webtv.un.org/screenshot

4-ئىيۇل كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى 56-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، خىتاي ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا يانداش تەشۋىقات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى، دەپ كۆرسەتكەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 8-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر تاشقى ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى» ناملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى ئاتالمىش «ئاممىۋى جەمئىيەت» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بەرپا قىلىش ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ توقۇنۇشى ۋە زىددىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش» دېگەن مەخسۇس تەشۋىقات يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىندا، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ۋېي گوشيوڭ «خىتاينىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى باشقۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى» نى تونۇشتۇرغان. ۋېي گوشيوڭنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى ئاتالمىش «مۇۋەپپەقىيەتلىرى» گەرچە كونكرېت شەكىلدە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ غەربتە مەيدانغا كەلگەن مىللەتلەر ھوقۇقى مودېلىنىڭ «رىقابەتكە دۇچ كەلگەنلىكى» نى، خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قۇرۇلۇشى» نىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ھەل قىلىدىغان خىتايچە يېڭى مودېل ئىكەنلىكىدىن گەپ ساتقان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە تەكىتلەۋاتقان ئاتالمىش «ئورتاق گەۋدە» چۈشەنچىسى ماھىيەتتە خىتاي مىللىتىنى مەركەز قىلغان، خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى بۇ گەۋدىگە ئېرىتىپ سىڭدۈرۈۋېتىدىغان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىكەن. بۇ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، قىپقىزىل ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئەمەس ئىكەن.

 «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4-ئىيۇل كۈنى ب د ت نىڭ 56-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نۇقتىلىق تېمىلىرىنىڭ بىرى بولغان. ۋاھالەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىغىنغا كۆپ كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ يىغىندا خىتاي ۋەكىللىرى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان بارلىق تەنقىد ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىنى بىردەك رەت قىلغان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پېڭ ئەپەندى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئارقىلىق مىللەتلەر توقۇنۇشى ۋە زىددىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش» دەيدىغان بۇنداق سەپسەتەلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

 «ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇش ۋە زىددىيەتلەر بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىنتايىن رېئال مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى بۇ خىل زىددىيەت-توقۇنۇشلار نۇرغۇن دۆلەتلەردە مەۋجۇت. ھالبۇكى، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلە ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نومۇسسىزلىق بىلەن مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۆزىنى ئەڭ ياخشى ئۇستاز، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا ئۈلگە بولغۇدەك ئۆرنەك دەپ قارىماقتا. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر مەسىلىسى بويىچە خەلقئارادا نۇرغۇن تەنقىدلەرگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش› شوئارىنى بازارغا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى پەردازلاپ ۋە گۈزەللەشتۈرۈپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. »

 «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت دىكى بۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاي يەنە بىر قېتىم ئۇستىلىق كۆرسىتىپ، ئۆزى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بىر نەپەر قورچاق ئۇيغۇرنى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى» قىلىپ كۆرسىتىپ مۇنبەرگە ئېلىپ چىققان. لەنجۇدىكى خىتاي غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى سالاھىيىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان رەيھانگۈل ئىمام، جەنۋەدىكى يىغىندا سۆز قىلىپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە» ئىكەنلىكى توغرىلىق لاپ ئۇرغان.

ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي جەنۋەگە ئالايىتەن ئېلىپ بارغان بۇ ئۇيغۇر ئايال-رەيھانگۈل ئىمام، ئۇنىڭ 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا لەنجۇدىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىللە خىزمەت قىلغان خىزمەتدىشى ئىكەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپ، خىتاينىڭ ھەر قېتىملىق خەلقئارا يىغىنلاردا ئۆزى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ۋەكىلى» نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدايدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم جەنۋەگە «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى» بولۇپ كەلگەن ئىلگىرىكى خىزمەتدىشى رەيھانگۈل ئىمامنىڭمۇ دەل شۇنداقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، رەيھانگۈل ئىمام لەنجۇدىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىنستىتۇتى» نىڭ دوتسېنتى بولۇپ، 1976-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، كىچىكىدىن تارتىپ خىتايچە ئوقۇغان رەيھانگۈل ئىمام، نۆۋەتتە غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىنستىتۇتى» دا «خىتاي مىللەتلىرى تارىخى»، «خىتاي مەدەنىيىتى ئومۇمىي نەزەرىيەسى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتىدىكەن.

خىتاي ئانالىزچىسى خۇ پېڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارالىق سەھنىدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ۋەكىل» نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلدۇرۇشتىكى سىياسىي غەرىزى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

 «ئېنىقكى، خىتاي بۇ قېتىمقى ب د ت يىغىنىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن، بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى مەخسۇس سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. يەنى بىر ئۇيغۇر ئېغىزى ئارقىلىق، قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئەزەلدىن خىتايلار بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ ياشىغانلىقى توغرىلىق گەپ ساتقۇزغان. يىغىندا يەنە بىر «تىبەت ۋەكىل» نىڭ شەخسىي ھاياتى ۋە ئائىلىسىنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نەقەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا نۆۋەتتە تىبەتلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانچىلىك بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولغان. دېمەككى، خىتاينىڭ ب د ت يىغىنىغا ئۆزلىرى تەربىيەلىگەن ئاتالمىش ئۇيغۇر ۋە تىبەت ‹ۋەكىلى› نى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتى، ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۆز ئالدامچىلىقىنى يېپىش، شۇنداقلا ب د ت دا ئوينىغان ساختا ئويۇنلىرىنى ‹ئىشەنچلىك› قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتۇر.»

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا قانداق رەزىل ئويۇنلارنى ئوينىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنىڭ ساختا قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان، شۇنداقلا دۇنيانى ئالداش غەرىزىگىمۇ يېتەلمىگەن. ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مىشېل تايلور (Michele Taylor) 4-ئىيۇل كۈنىدىكى 56-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.