ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، " ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى" تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېيجىڭدا كۆپ قېتىم نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى ئولىمپىك مەيدانىنىڭ يېنىدىكى ئولىمپىك باغچىسىدا 5 نەپەر ئامېرىكىلىق " تىبەتكە ئەركىنلىك " دەپ يېزىلغان لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ 20 سىكۇنت ئۆتكەندە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
يەنە بىر ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى نۇر ئارقىلىق "تىبەتكە ئەركىنلىك" دېگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەرنى كىشىلەر كۆپ توپلاشقان جايلاردا كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقاندا ساقچىلار بايقاپ قېلىپ، ئۇمۇ قولغا ئېلىنغان.
ئولىمپىك باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر 4 قېتىم نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەردى، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىككى كىشى ئەتىگەن سائەت 5 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تېخى پۈتمىگەن بىناسىغا خىتايچە ۋە ئىنگىلىزچە يېزىقتا " تىبەتكە ئەركىنلىك" دەپ يېزىلغان لوزۇنكىنى ئېسىپ قويغان ئىدى.
خىتاي ساقچىلىرى لوزۇنكا ئاسقان ئىككى كىشى ۋە نامايىش ئۆتكۈزگەن 3 كىشىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ 5 يىل ئىچىدە قايتا كىرىشىنى چەكلىگەن.