ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رە ئىسى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى


2005.08.29

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رە ئىسى لۈۋىزا ئاربور دۈشەنبە كۈنى خىتايغا قاراتقان بەش كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىماقچى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لۈۋىزا بۇ زىيارىتى جەريانىدا، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرتلەرگە بويسۇنغان ياكى بويسۇنمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىجتمائىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلار شەرتنامىسنى ئىمزالاشقا قايىل قىلىشقا تىرىشىدىكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، گەرچە خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ. ئەمما سىياسىي، ئىجتمائىي، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە كۈنسېرى ئارقىغا چىكىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ خىتايدا بارغانسىرى ناچارلىشىشى، خىتاينىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە جىددىي تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ.

سىياسىي ئانالىزچىلار نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۆلەت رە ئىسى خۇ جىنتاۋ كىلەر ئاي ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتى جەريانىدا قاتتىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رە ئىسى بەش كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي دۆلەت رە ئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.