تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى خادىمى خىتاي زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا


2005.12.01

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى ئالىي خادىمى مانفىرىد نوۋاكنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەن جازاسىنى چەكلەشكە بولغان ساداقىتىنىڭ بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭنىڭ ئېيتىشىچە، 21- نويابىر كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان مانفىرىد نوۋاك، بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، بېيجىڭدىكى ھەمدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۈرمىلەرنى زىيارەت قىلىپ، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، مانفىرد نوۋاكنىڭ بۇ زىيارىتى ئارقىلىق بىز سەمىمىيىتىمىزنى ئىپادىلەيمىز دېدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى ئالىي خادىمىنىڭ خىتايدىكى تۈرمىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتكلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ زىيارەتكە رۇخسەت بېرىشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن ئون يىل جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى خادىمى مانفىرد نوۋاك، خىتاي زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى تۈرمىلەر ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى ھەققىدە رابىيە خانىمدىن تەپسىلى مەلۇمات ئالغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1996 - يىلى تەن جازاسىنى چەكلىگەن. لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي تۈرمىلرىدە بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە ساقچىلارنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ۋەھشى ئۇسۇللاردا قيىناش ئەھۋاللىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

مانفرىد نوۋاك بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى جەريانىدىكى تەكشۈرۈشى ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ كېلەر يىلقى يېغىنىغا بىر دوكلات سۇنىدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.