ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بولسا، ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئەگەر بۇ قېتىم بېيجىڭ بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدىكى سۆھبەت ياخشى ئۆتكۈزۈلسە، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە 8 - ئايدا دالاي لاما فرانسىيىنى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىممۇ ئۆزىنىڭ بۇ مۇراسىمغا قاتناشمايدىغانلىق مەيدانىنى تېخى ئۆزگەرتمىگەن.
بۇ قېتىم ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سەككىز سانائەتلەشكەن ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئولىمپىك تېمىسىدىن باشقا يەنە ھاۋا كىلىماتى، ئېكولوگىيە ھەم ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.