خىتاي، جورج بۇشنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تۈنۈگۈن ئاقسارايدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئازادلىقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.15

 بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇشنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تۈنۈگۈنكى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ئۈرۈمچىدە 5 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە قەشقەردە 5 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بىر مەزگىلدە جورج بۇشنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى خەلقئارا تېررورغا باغلاپ ئەيىبلىشىنىڭ ئىنكار قىلىنىشى دەپ قارالماقتا.
 
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۈگۈنكى سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: "دۆلىتىمىز قانۇن دۆلىتىدۇر. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ، ئەمما، دۆلىتىمىز قانۇنى دۆلەتنى پارچىلايدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە يول قويمايدۇ." ليۇ جيەنچاۋ يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ھەر قانداق ئادەم دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا جازالىنىدۇ. شۇڭا ئالاقىدار دۆلەتلەر بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشىنى توختىتىشى كېرەك."

جورج بۇش تۈنۈگۈنكى نۇتقىدا بىلدۈرۈشىچە،، ئۇ ياپونىيىدە خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن چېغىدا، ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار بىلەن ھەر ۋاقىت بىر مەيداندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.