ئۇ مۇنداق دەيدۇ ": مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە يول قويغان جەمئىيەت نورمالدا تىنچ ۋە گۈللەنگەن جەمئىيەتتتۇر". ئۇ يەنە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۆز - ئارا ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ ئاساسىدا زىچ مۇناسىۋەت تۇرغۇزغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىگە خىتاينىڭ سىياسىتىنى يوشۇرماي، تۈزۈت قىلماي تەنقىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇش " مەن يەنە بىزنىڭ يەر شارىدىكى ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىزنى ) خىتايغا( ئۈزلۈكسىز تەكىتلەيمەن،" دەيدۇ.
پرېزىدېنت بۇش بېيجىڭغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن تايلاند پايتەختى بانكوكتا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچى زاتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ۋە دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پرېزىدېنت بۇشنىڭ تەنقىدىگە قارىتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ھەر قانداق شەخسنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.