خىتاي كومپارتىيىسى 16 - قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - ئومۇمى يىغىنى ئېنېرگىيە كرىزىسى مۇزاكىرە قىلدى
2005.10.10
بېيجىڭدا چاقىرىلغان خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى 16 - قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - ئومۇمى يىغىنى يەكشەنبە كۈنى خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئېنېرگىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە ئېنېرگىيە ئىمپورتىنى كېڭەيتىش، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چەتئەلدە نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كان مەھسۇلاتلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى قوللاشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانى ماقۇللىغان.
نۆۋەتتە خىتاي دۇنيا بويىچە ئامېرىكىدىن قالسا 2 - چوڭ نېفىت ئىستىمال قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى. ئانالىزچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئىھتىياجىدىكى ئېشىش، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەئەلىرىنى ئېچىش پىلانى توغرىسىدا توختالمىدى. ئەمما يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ۋېن خۇي" گېزىتى، كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ 11 - يىللىق پىلاندىكى ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە دائىر بىر دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ تەبىئىي مەنبەئەلەر بىخەتەرلىكى رولىنى ئوينايدىغان رايون، دەپ ئاتىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
"ۋېن خۇي" گېزىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، زېڭ چىڭخوڭنىڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زىيارىتى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. زېڭ چىڭخوڭ، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى مۇھىت قوغدىغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر چاغدا، "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جوڭگونىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ قالىدۇ"، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گازپرېم شىركىتى خىتايلار بىلەن تەبئىي گاز توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ
- خىتاي نېفىتلىگى ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت-خىمىيە چوڭ بازىسى قۇرماقچى
- خىتاي بىلەن ھىندىستان قازاقىستاننىڭ نېفىتىنى تالاشماقتا
- خىتاي نېفىت شىركىتى يۇنىكالغا قويغان باھاسىنى قايتۇرىۋالدى
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيە ۋە كان بايلىقلىرىغا كۆز تىكمەكتە