خىتايدا ئىشسىزلار سانى 25 مىليونغا يەتكەن
2005.01.11
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل خىتاي بويىچە ئىشسىزلار نىسبىتى 25 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، رويىتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى ئىشسىزلارنىڭ نىسبىتى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان بۇ ساندىن ناھايىتى كۆپ پەرقلىنىدىكەن.
رويىتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ ، خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەمىنلىگەن ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 3 مىليون 400 مىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 11 مىليون ئاھالە بۇ يىل ئەمگەك بازىرىغا كىرىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەن.
ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى، خىتايدا تەخمىنەن 14 مىليون ئادەم ئىشسز قالغان. (ئەقىدە)
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق كرىزىسى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمگەكچىلەر نوپۇسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشى، ئىشسىزلىق ئەھۋالىنى ئېغىرلاتماقتا
- قارامايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى تەڭسىزلىككە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- بىر خىتاي ئىشچىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەردى