خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شاڭخەيدىن ۋاڭ مىن كابۇلدا رېستوران ۋە كافېخانا نامى ئاستىدا پاھىشىخانا ئېچىش ۋە خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدىن 40 ياشتىن ئاشقان ئىشسىز ئاياللارنى ئافغانىستانغا ئېلىپ كېلىپ پاھىشە قىلىپ ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ۋاڭ مىننىڭ بىر ياردەمچىسى بولسا، 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كابۇل شەھىرىدە تۈرك رېستوراننى بېرلىن رېستورانى قاتارلىق ناملار ئاستىدا پاھىشخانا ئاچقان ۋاڭ مىن ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئافغان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھېلىمۇ كابۇلدا نۇرغۇنلىغان خىتاي پاھىشىلەر مەۋجۇت بولۇپ، رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئۆتكەن ئاي كابۇلدىكى بەزى خىتاي پاھىشىلەر مەزكۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا كىرىملىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئەمما بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئانچىلا ئۆيدىن تاشقىرى چىقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.