رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر مەكتۇپنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرسى بولغان شىمالىي كورېيە ئەركىنلىك ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سۇزان شولتې، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلايمىز دېگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە: " ئەپسۇسكى، ئەمدى شۇنى بىلىۋاتىمىزكى، ئولىمپىك، تەييارلىق باسقۇچىدا مەيدانغا كەلگەن نارازىلىقلار جەريانىدا، تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، خرىستىئانلار، فالۇنگۇڭچىلار ۋە شىمالىي كورىيىلىكلەرگە تېخىمۇ قاتتىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېلىپ كەلدى" دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت بۇشقا يوللانغان بۇ مەكتۇپتا ھازىر خىتاي تۈرمىسىدىكى 23 نەپەر مەھبۇسنىڭ رەسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى قوشۇپ يوللانغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنت جورج بۇش بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇشقا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى خىتايغا بارغاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان بولۇپ، چارشەنبە كۈنى يوللانغان مەكتۇپمۇ بۇشقا يوللىغان شۇ خىلدىكى مەكتۇپلارنىڭ بىرىدۇر.