ئەنگلىيىدىن چىقىدىغان (Guardian) گېزىتىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى مەزكۇر پارتىلاشنىڭ 28 - ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 8:30 لەر ئەتراپىدا K2 - يول يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ 54 - يول بىلەن كېسىشىدىغان بېكىتى: لياڭ جىياخې بېكىتىدە يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئەمما ھازىرچە ھادىسىدە قازا قىلغان ۋە ياكى يارىدار بولغانلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.
كۈنمىڭ شەھىرى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، مەزكۇر پارتلاش ھادىسىسىنىڭ ئاپتوبۇس ماتورىدىكى تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلى كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ مۇشۇ ئاي ئىچىدە كۇنمىڭ شەھىرىدە ئىككىنچى قېتىم يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش ھادىسىسى بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 21 - كۈنى مەزكۇر شەھەرنىڭ 54 - يولىدا ئىككى ئاپتوبۇس ئارقا ئارقىدىن پارتلىغان ھەمدە 3 ئادەم ئۆلگەن ۋە 14 ئادەم يارىلانغان ئىدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يۈننەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى بايانات ئېلان قىلىپ، گەرچە 21 - ئىيۇل كۈنمىڭدا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى پىلانلىق يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن تېررورچىلىق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ھالبۇكى، ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى دەپ ئاتايدىغان بىر تەشكىلات، ئالدىنقى ھەپتە كۈنمىڭ شەھىرىدە ۋە بۇ يىل مايدا شاڭخەيدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىش ھادىسىلىرىگە ئۆز تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما شاڭخەي ساقچىسى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ جيۇلۇڭ شەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىقى باياناتىنى رەت قىلىپ، ماي ئېيىدا شاڭخەيدە يۈز بەرگەن پارتىلاشنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ياكى بېيجىڭ ئولىمپىكى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى، شاڭخەيدىكى پارتلاش ھادىسىسىنى ئاپتوبۇسقا ئېلىپ چىقىلغان " ئاسان كۆيىدىغان ماتېرىياللار" كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.