خىتاي بىلەن تاجىكىستان بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزمەكچى

خىتاي بىلەن تاجىكىستان 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە تاجىكىستان تېررىتورىيىسىدە " ھەمكارلىق 2006 ‏،" دەپ نام بېرىلگەن تېررورغا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزمەكچى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ نىشانى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەشقى ئېلىپ بېرىش، تەرەپلەرنىڭ جىددىي كرىزىس شارائىتىدا يېڭى رىقابەت ۋە يېڭى تەھدىتكە قارشى ماسلىشىش ۋە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتىلغان. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، مانىۋېرنىڭ 3 - بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى مانىۋېر تاجىكىستان ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ يىل 4 - ئايدا ئىمزالىغان تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە مانىۋېر ئېلىپ بېرىش ئەسلەتمىسى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلماقچى.

خىتاي يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئارقا - ئارقىدىن بىر قاتار ھەربىي مانىۋېرلار ئۆتكۈزمەكتە. ئۇ تېخى يېقىندىلا قازاقىستان بىلەن ئالمائاتا ۋە غۇلجىدا ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بارغان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى رايون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا، دەپ ئەيىبلىسىمۇ، لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)