خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا جەمئىيەت مۇقىملىقى ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ
2005.10.06
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىشىنىڭ ھارپىسىدا، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بۇ قېتىمقى يىغىندا جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە باي، كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ زورىيىشى مەسىلىسىنىڭ نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك 5 - ئومۇمىي يىغىنى مۇشۇ شەنبە كۈنى باشلىنىدۇ. تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يېپىق يىغىندا، خىتاينىڭ كىلەر بەش يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى بىكىتىلىدۇ.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى خۇجىنتاۋ يىغىندا ھوقۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش بىلەن بىرگە، جاڭ زېمىننىڭ قالدۇق سىياسىي تەسىرىنى پۈتۈنلەي تازىلايدىكەن.
خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما باي- كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ بۇنىڭغا ئەگىشىپ تېز زورىيىشى ۋە چېرىكلىكنىڭ ئېغىرلىشىشى بىلەن خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايىش، نارازىلىق پائالىيەتلەر كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. ئۆتكەن يىلى خىتايدا 74 مىڭدىن ئارتۇق چوڭ نامايىشلار يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنى چۆچۈتكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ لېچۈەن "تېررورچىلىق" قا زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسىدا، خەلق ئارىسىدا جىددىي كەيپىيات ياراتماقتا
- جاڭ شيۇمىڭ مائارىپ سېپىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش ھەققىدە توختالدى
- قۇربان ئەرشىدىن بىڭتۇئەننى قوراللىق كۆرەشكە تەييار تۇرۇشقا چاقىردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى مۇقىملىقىدىن ئەندىشە تۇيماقتا