دۇنيادىكى چوڭ نېفىت شىركەتلىرى خىتاي نېفىت بازارلىرىغا كىردى
2007.02.26
بازار كۆزەتچىلىك تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق نېفىت شىركەتلىرىدىن، ئېكسون موبىل ۋە سەئۇدى ئارامكو شىركىتى خىتاينىڭ بازىرىغا كىردى.
بۇ شىركەتلەر خىتاينىڭ دۆۋىلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خىتاي نىفىتچىلىك (سىنو پەك) شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ۋە زاپچاسلىرىنى يېڭىلاش بەدىلىگە ۋە دۇنيادىكى ئېھتىياجى ئەڭ تىز ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە بازىرىغا كىرمىدى.
ئېكسون - دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى 2030 يىلغىچە 60 پىرسەنت ئەتراپىدا ئۆرلەيدىكەن. بۇ ئېھتىياجىنىڭ زور بىر بۆلىكى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن، بولۇپمۇ ھىندىستان ۋە خىتايدىن كېلىدىكەن.
ئەڭ يېڭى كېلىشىم، نېفىت-خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇش، ئاپتوموبىل يېقىلغۇلىرىنى بازارغا سېلىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ، خىتاينىڭ بازارغا سېلىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تولۇق بىرلەشتۈرۈلگەن ھەمكارلىق تۈرى جەھەتتە چەتئەل نېفىت شىركەتلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم شېرىكلىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ قۇرۇلۇش فۇجيەن نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەش ئىقتىدارىنى 80 مىڭ تۇڭدىن 240 تۇڭغا يەتكۈزۈشنى پلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ زاۋۇتنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئايرىش تېخنىكىسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئېغىر ۋە ئاچچىق خام نېفىتىنى دېزىل ۋە بېنزىن قاتارلىق يېنىك مەھسۇلاتلارغا ئايرىيدىكەن. بۇ قۇرۇلۇشلار 2009 - يىلى رەسمىي باشلىنىدىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مول نېفىت بايلىقى كىمگە پايدا يەتكۈزمەكتە؟
- ئۇيغۇر ئېلى خىتاينى مول نېفىت زاپىسى بىلەن تەمىنلىمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىۋاستە مەبلەغ سالىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتتى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىتلىكلەرنىڭ مەھسۇلاتى ئاشقان ئەمما ئۈرۈمچىدە قىشتا يېقىلغۇ يېتىشمەيدۇ
- خىتاي نېفىت بازىرى ئېچىش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان