بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى ئالاقىلىشىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇينىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پائالىيىتى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى باشلىنىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇشۇ كۈندە بېيجىڭدىكى تەنتەربىيە سارايلىرىدا چوڭ كۆلەملىك ناخشا فېستىۋالى، چاۋياڭ باغچىسىدا 6000 كىشىلىك تېز مېڭىش مۇسابىقىسى ۋە بېيجىڭنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدا 10 مىڭ كىشىلىك، 13 كىلومېترلىق مارافون مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدىكەن.
كانادادا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل يازغۇچى شېڭ شۆ خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىرىنچى ماي كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە 'ۋەتەنپەرۋەرلىك نامايىشى' ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرغان. 'بىرىنچى ماي قۇرۇلۇشى' دەپ ئاتالغان بۇ پىلاننىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانى، تىبەتتىكى بۇدالاگوڭ ئىبادەتخانىسى، ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانى، كوكخوتتىكى شىنخۇئا مەيدانى، شاڭخەينىڭ ۋەيتەن باغچىسى قاتارلىق 20 نەچچە چوڭ شەھەردىكى مەشھۇر جايلاردا نامايىش قىلىشنى، نامايىشچىلارنىڭ دۇنيادىكى سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتىنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا تەشۋىق ۋارىقى تارقىتىشنى بەلگىلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، نامايىشتا توۋلىنىدىغان 20 نەچچە تۈرلۈك شۇئارنى يېزىپ تارقاتقان. بۇ شۇئارلارنىڭ ئىچىدە ' شەرقتىكى شىر ئويغاندى' ، 'بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى جۇڭگونىڭ دۇنيادا بىر قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنىڭ باشلىنىشى'، 'جۇڭگو شەرقتىكى كېسەل كۆرپىسى دېگەن نامدىن ۋىدالاشقانلىقىنىڭ باشلىنىشى'، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن سەككىز يىل تەييارلىق قىلدۇق، بۇ جەرياندا سانسىز ھاقارەتنى ئىچىمىزگە يۇتىۋەتتۇق'، ئەۋلادلارنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشى ئۈچۈن غەرب ئەللىرىنىڭ زېمىنىمىزدا مىكدانل، كارىفور، كىنتاكى دېگەن ئاشخانىلىرىنى ئېچىشىغا رۇخسەت قىلدۇق، ماللىرىمىزنى ئەڭ ئەرزان باھادا سېتىش ئۈچۈن نيۇيورك، پارىژ، لوندونلارغا يوللاپ بەردۇق'، 'سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتىگە خوشامەت قىلىش ئۈچۈن بويىن، گىئېم، تويوتا شىركەتلىرىدىن مال دۇگۋار قىلدۇق'، 'سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتى جۇڭگودىن قورقۇدۇ، شۇڭلاشقا بىزنى مەڭگۈ كېسەل كۆرپىسى قىلماقچى بولدى ۋە بىزنى يەتكۈچە ھاقارەتلىۋالدى'، ' بىز ئولىمپىك ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇئاغا قارشى كۈچلەرنى يوق قىلىپ، باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن 100 يىل ساقلىدۇق'، ئولىمپىك ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي چېقىپ، ئۇلارنى تىبەت، شىنجاڭدەك جايلارغا پالىدۇق'، 'سەككىز چوڭ دۆلەت تىبەت مۇستەقىلچىلىرى قاتارلىق جۇڭخۇئاغا قارشى كۈچلەرنى كۈشكۈرتۈپ بىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولدى، ئەمدى بىز جېنىمىز ۋە قېنىمىز بىلەن جۇڭگونىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغدايمىز'... قاتارلىق خىتاي مىللەتچىلىكىنى قۇترىتىدىغان شۇئارلار بار.