بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بەزى تۈرلىرىنى ھاۋ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن


2007.11.02

1- نويابىر پەيشەنبە كۈنى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى جاككس روگې، كېلەر يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىدا ھاۋ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك، بەزى مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆتكۈزمەسلىكنى بەلگىلەش ئۈچۈن، ئولىمپىك كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ، بېيجىڭنىڭ كۈندىلىك ھاۋا بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان كۆزىتىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، مارافونچە يۈگۈرۈش، ئۇزاق مۇساپىلىك ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى قاتارلىق ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان بەزى مۇسابىقە تۈرلىرى، ھاۋا سۈپىتى سەۋەبلىك بىرنەچچە سائەت، ياكى بىرنەچچە كۈن كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ روگېنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇ ئولىمپىك خادىملىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتىگە قارىتا قانداق يوسۇندا كۆزىتىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا قارىتا: " خىتاي بىلەن بىر گە بىز بىر نەچچە تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلدۇق. بېيجىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 20 ئورۇندىكى تەكشۈرۈش مەركەزلىرى بىزگە مەلۇماتلارنى توردا يوللاپ تۇرىدۇ" دېگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2001 - يىلىدىن 2007 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىرىش نىسبىتى 80 پىرسەنت ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال خىتاي ھاۋا سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.

2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى خەلقئارادا ھەرخىل نارازىلىق كەيپىياتلىرىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتايدا كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تۈپەيلى، مەزكۇر ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يېقىندا ئامېرىكىلىق كىنو چولپىنى مىيا فارو، دارفۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق سۇدان ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز قوللاپ كېلىشى سەۋەبلىك 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى "قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى" دەپ ئاتىغان ۋە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش پىكىرىنى مەيدانغا چىقارغان ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.