Liu Shaowu يېقىن ئارىلىقتا دەپ كۆرسەتكەن بۇ 3 باغچا، ئولىمپىك مەيدانلىرىدىن 3 ۋە 5 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا. Liu Shaowu باياناتىدا يەنە، نامايىشچىلارنىڭ نامايىشتىن ئاۋۋال ئىلتىماس سۇنۇپ رۇخسەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان. مۇخبىرلار ھازىرغا قەدەر نامايىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ بولغان - بولمىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ بۇ سوئالنى جاۋابسىز قالدۇرغان.
خىتاينىڭ نامايىشچىلارغا مەخسۇس ئورۇن ئايرىيدىغانلىقى ھەققىدە بايانات بېرىشى ئولىمپىك مەزگىلىدە ھېچ بولمىغاندا، قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ نامايىشنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئەمما خىتاينىڭ ئوتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان قائىدە - تۈزۈملىرى ئولىمپىك مەزگىلىدە نامايىشنىڭ مۈمكىنسىزلىكىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى. بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىگە ۋە ئۆكتىچى زاتلارغا ۋىزا بەرمەسلىكى بۇ بىشارەتنى كۈچلەندۈرگەن ئىدى.