ئولىمپىك بەلگىسى بار خىتاي پۇلى بۈگۈن ئۇرۇمچىدە تېگىشكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى

خىتاينىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى تارقاتقان ئولىمپىك بەلگىسى بار 10 يۈەنلىك خىتاي پۇلى ئۈرۈمچىدە پۇل تىگىشكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى.

خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ خەۋەر تورى'دا بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى شۆبە بانكىلار بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قەدەر كۆپ ئادەمنىڭ پۇل تېگىشىش ئۈچۈن سەپ بولۇپ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئۈرۈمچىدە خەلقتە پەيدا بولغان بۇنداق پۇل تېگىشىش قىزغىنلىقىنى، ئولىمپىككە بولغان قىزغىنلىق دەپ خەۋەر قىلغان بولسا، چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ قىزغىنلىقنى، خىتاي پۇلىدا ماۋزېدوڭ يوقۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئولىمپىك بەلگىلىرى قويۇلغانلىقتىن خەلقنىڭ سىياسىيدىن يىراقلىشىش تۇيغۇسى پەيدا قىلغان قىزغىنلىق دەپ خەۋەر قىلدى.