بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئۈچىنچى چوڭ ساختا كۆرۈنۈش پاش بولدى

بېيجىڭ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىدا ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مىللي كىيىمىنى كىيگەن 56 مىللەت بالىلىرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرگەن بىر ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈش بار ئىدى. ھازىر بۇنىڭمۇ ساختا ئىكەنلىكى پاش بولۇپ قالدى.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىنىشىچە، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى 56 مىللەت بىر بايراق كۆتۈرگەن كۆرۈنۈش - تەبرىك ساليۇتلىرى ۋە ۋەتەنگە مەدىھىيە دېگەن ناخشىنى ئېيتقان كىچىك قىز چولپان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ساختا كۆرۈنۈش ئىكەنلىكى پاش بولۇپ قالغاندىن كېيىن، يەنە پاش بولۇپ قالغان ئۈچىنچى چوڭ ساختا كۆرۈنۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ ۋېي بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ' ئوخشىمىغان 56 مىللەتچە كىيىنگەن بۇ بالىلارنىڭ قايسى مىللەتتىن كەلگەنلىكى ماڭا نامەلۇم، بىراق نوپۇسنىڭ %92 نى تەشكىل قىلىدىغان خىتايلارنىڭ 56 مىللەتچە كىيىنىپ چىقىشى ھېچبىر ھەيران قالارلىق ۋەقە ئەمەس' دېگەن.