شەرق - غەرب گاز تۇرۇبىسىنىڭ - 2 لىنىيىسىنى ياتقۇزۇۋاتقان خىتايلارنى قار بېسىۋالدى

ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە گوزىگو ئۆتىڭىگە 13 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە قار دۆۋىسى گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، شۇ جايدا شەرق -غەرب گاز تۇرۇبىسىنىڭ 2 ‏- لىنىيىسىنى ياتقۇزۇۋاتقان خىتاي ئىشچىلارنى قار بېسىۋالدى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئاز دېگەندە 12 ئادەمنىڭ قار ئاستىدا قالغانلىقىنى ۋە 4 ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن تەڭرى تاغ تورىنىڭ جۈمە كۈنكى خەۋىرىدە 22 ئادەمنىڭ قار ئاستىدا قالغانلىقىنى، بىر ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغان، بىر ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى ۋە 20 ئادەمنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز دېرىكى ئېلىنىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دائىرىلەر قۇتقۇزۇش ئىشىغا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىلىدىكى چېگرا مۇداپىئە پولكى ۋە قوراللىق ساقچى شۆبە ئەترىتىنىڭ ئىلىدىكى 100 نەپەر ئەسكىرىنى سەپەرۋەر قىلغان.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇتنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بارغانلىقىنى بىلدۈردى. يەرلىك پۇقرالارنىڭ نارازىلىقى، مۇھىت قوغدىغۇچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ زور كۆلەملىك ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى تەبئىي گازنى خىتاينىڭ جاڭجياڭ دەريا دېلتىسىدىكى سانائەت رايونلىرىغا توشۇشنى مەقسەت قىلغان 1 - باسقۇچى ئالدىنقى يىلى رەسمى پۈتكەن ئىدى. گوزىگودىكى ۋەقەگە ئۇچرىغان بۇ قۇرۇلۇش بولسا غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش پىلانىنىڭ 2‏ - لىنىيىلىك باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇش يەرلىكلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلاشتىكى بىر پۇرسەت، دەپ تەكىتلىسىمۇ، لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بۇ قۇرۇلۇشنى خىتايلار مونوپولىيە قىلىۋالغانلىقىنى، يەرلىكلەرنى مەنپەئەتدار قىلالمىغانلىقىنى، ھەتتا يەرلىك ئۇيغۇرلارنى نېفىت ئىشچىلىقىغىمۇ ئالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. قار بېسىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە 60 دەك ئىشچى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئىشچىلار ئىكەن. (ئەركىن)