خىتاي ھاۋارايى تارماقلىرى قارا ئاپىتىگە تەييارلىق قىلالمىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى
2008.02.04
ب ب س دا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھاۋارايى مۇتەخەسسىسلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىڭلىغان ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن قارا ئاپىتىگە يېتەرلىك ۋە مۇۋاپىق تەييارلىق قىلالمىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.
ئۆتكەنكى ھەپتىلەردە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولۇپمۇ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي خىتاي رايونلىرىدا 10 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن قار ئاپىتى خىتايدا ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا ئېغىر ئىقتىسادى زىيان پەيدا قىلغان ئىدى.
ب ب س دا خىتاي ھاۋارايى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېڭ گوگۋاڭنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل قىلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھاۋارايى تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلەش سەۋىيسى تۆۋەن بولۇپ بۇ نۆۋەتلىك شىۋىرغاننىڭ يۈز بېرىش ۋاقتى توغرىسىدا بەرگەن ئالدىن مەلۇماتى توغرا چىقماي قالغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتاي ھاۋارايى تارماقلىرى بۇ نۆۋەت ئارقا - ئارقىدىن 4 قېتىم يۈز بەرگەن شىۋىرغانلىق ھاۋانىڭ جەريانىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمىگەن ۋە ئىككى قېتىملىق شىۋىرغان پەيدا بولغاندىن كېيىن ئارقىدىن يۈز بېرىدىغان ئاپەتنى ئالدىن خەۋەر قىلالمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت خىتايدا يۈز بەرگەن شىۋىرغان ئاپىتىدە 100 مىليون ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، كۆرۈلگەن ئىقتىسادى زىيان 54 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.
ب ب س دا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، ئاپەت بىر قەدەر ئېغىر بولغان جەنۇبىي خىتاي رايونلىرىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يول يۈزىدىكى مۇزغا تاقابىل تۇرالمىغاندىن سىرت، توك يەتكۈزۈش سىستېمىلىرىمۇ كۆپ مىقداردا ياققان قارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا قار ئاپىتى داۋاملاشماقتا
- قار ئاپىتى ۋە سوغۇق تېمپېراتۇرا خىتاي ھەم ئۇيغۇر ئېلىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى
- خىتايدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن
- خىتايدا ئەللىك يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قار ئاپىتى يۈز بېرىپ قاتناش پالەچ بولدى
- خىتايدا قار ئاپتى
- قاتتىق سوغاق بايىنغولىندا ئاپەت پەيدا قىلدى
- بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش دەرىجىسى گۇمان پەيدا قىلدى
- كۇچا يايلىقى قار ئاپىتىگە ئۇچرىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەسىنى تەبىئىي ئاپەت دەپ كۆرسىتىشى نارازىلىق قوزغىدى
- ئۇچتۇرپان كەلكۈن ئاپىتىدە قالدى
- شەندوڭدىكى ئىككى چوڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسىدە ئېغىر ئۆلۈم يېتىم كۆرۈلدى









