ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان شەھىرىدە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالدى

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان شەھىرىدە يېڭىدىن قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن ئايدىن بېرى بايقالغان 7 - قېتىملىق قۇش زۇكىمى تارقىلىش ئەھۋالى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسىدىكى بىر فېرمىدا ئۆلگەن قۇشلارنىڭ ئەجەللىك H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان.

خىتاي دائىرىلىرى تۇرپاندىكى قۇش زۇكىمى تارقالغان فېرمىنىڭ ئەتراپىدىكى 3 كىلومېتىرغىچە بولغان جايلاردىكى بەش مىڭدىن ئارتۇق ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرگەن.

ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان رايون. ئۆتكەن ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا قۇش زۇكىمى بايقالغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ناھىيىسى، خوتەن، داۋانچىڭ، مىچۈەن قاتارلىق جايلاردىمۇ قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇش زۇكىمىنىڭ ئادەمگە يۇقۇش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.(ئارزۇ)