ئۇيغۇر ئېلىدە سېتىلىۋاتقان 5 خىل ئۇندا راك پەيدا قىلىدىغان ماددا بايقالغان


2006.07.19

يېقىندا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ھەر خىل يىمەكلىكلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈشتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بازارلاردا سېتىلىۋاتقان 5 خىل ئۇندا راك پەيدا قىلىدىغان ماددا بايقالغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا -سانائەت نازارىتى تەرىپىدىن بۇ يىل 1‏-ئايدىن 6‏- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەكشۈرۈش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدىكى ھەر قايسى دۇكانلار ۋە تاللا بازارلىرىدىكى ئۇن، ياغ، گۆش،كۆك-تات ئاق ھاراق، پىۋە، سۈتلۈك بويۇملار ۋە بالىلار يىمەكلىكلىرىدىن بولۇپ 857 خىل يىمەكلىك ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان. نەتىجىدە بۇنىڭ ئارىسىدا 129 خىلى لاياقەتسىز چىققان.

ئوخشىمىغان 5 خىل ماركىدىكى ئۇندا راك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددا بايقالغان بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئۇننى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قۇمۇل، تۇرپان ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا پارچە قاچىلانغان سۇ مايلارنىڭ لاياقەتسىزلىك دەرىجىسى 65% كە يەتكەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆلچەمگە توشمىغان بۇ سۇ مايلارنىڭ تەركىۋىدىكى بەزى ماددىلار سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ، ئۇنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا، نېرۋىنى بىخۇدلاشتۇرۇپ ھەتتا پالەچ قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن.

شۇ سەۋەپتىن سودا-سانائەت ئورۇنلىرى بۇنداق يىمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتلارنى تېگىشلىك جازاغا تارتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئىستىمالچىلارنى يىمەكلىك سېتىۋالغاندا چوڭ بازارلاردىن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىگەن نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا، شۇنداقلا رەڭگى ھەددىدىن زىيادە ئاق بولغان ئۇنلارنى سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.