شىنخۇادا نەقىل قىلىنىشىچە، شاڭخەي ئولىمپىك بىخەتەرلىك ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى چېڭ جيۇلۇڭ شاڭخەيدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە ھۇجۇم پىلانلاش قەستىدە يۈرگەن خەلقئارالىق تېررورچى تەشكىلاتلىرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ھەمدە تېررورچىلار تۇرالغۇسىغا باستۇرۇپ كىرىپ بىر گۇرۇپپا تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما خەۋەردە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قەيەردە، قاچان ئېلىپ بارغانلىقى ھەمدە قانچىلىك گۇماندارنى قولغا ئالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.
رادىئومىز شاڭخەي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بىلەن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئۇچۇن تېلېفون ئالاقىسى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتى بولمىدى.