خىتاي دائىرىلىرى شاڭخەيدە بىر "تېررورلۇق گۇرۇھى" نىڭ پاش قىلىنغانلىقىغا دائىر ۋەقە توغرىسىدا زۇۋان سۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلدى

خىتاي شاڭخەيدە بىر خەلقئارا " تېررورلۇق گۇرۇھى" نىڭ پاش قىلىنغانلىقى، بىر قىسىم تېررورچى گۇماندارلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىغا دائىر ۋەقە توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلماقتا.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنكى بىر خەۋىرىدە، دائىرىلەرنىڭ بۇ ۋەقەگە دائىر ئۇچۇرنى ئۈزلۈكسىز يوشۇرۇۋاتقانلىقى باشقىلاردا ئولىمپىكنىڭ تېررورلۇق تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر بايانلارغا گۇمانى قاراش پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى شاڭخەي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن بىر خەۋىرىدە، بىر خەلقئارا "تېررورلۇق گۇرۇھى" نى پاش قىلغانلىقىنى، تېررورچىلارنىڭ شاڭخەيدىكى بىر ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقە مەيدانىنى بومبىلىماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدا زۇۋان سۈرمىگەن.

رادىئومىز مۇخبىرى جۈمە كۈنى شاڭخەي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئىشخانىسىدىكى ئەمەلدار ۋەقە توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارى بولسا فرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ۋەقە توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى ۋەقەگە باھا بېرىشنى رەت قىلىپلا قالماي، بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكۇلىن، خىتاينىڭ بۇرۇن تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىنى ئاقلىماقچى بولغانلىقىغا دائىر مەسئۇلىيەتسىز ئۆتمۈشى بارلىقى تۈپەيلى" بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنىڭ راست - يالغانلىقىغا باھا بېرىش ئىمكانسىز بولۇپ قالدى،" دەپ تەكىتلىگەن.