سىچۈئەندە يەنە تەر تەۋرىدى

سىچۈئەننىڭ چىڭچۈئەن ناھىيىسىدە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەر ئەتراپىدا 6.4 بال يەر تەۋرىگەن. خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە بىر ئادەم ئۆلگەن 260دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 24 نەپىرىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. چىڭچۈئەندىكى يەر تەۋرەش نەتىجىسىدە يەنە بەزى تاش يوللار ئۈزۈلۈپ قالغان ھەمدە بىر قىسىم ئۆيلەر ئۆرۈلگەن.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە كۆپ ئادەم ئۆلمەسلىكىدىكى سەۋەب، ئادەملەرنىڭ ئالدىن تەييارلىقى بولغانلىقى بولۇپ، يەر تەۋرىگەن ھامان كۆپلىگەن ئادەملەر تاشقىرىغا چىقىۋالغان. ئۆي بېسىۋېلىپ ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى پەقەت بىر نەپەرلا بولغان. مەزكۇر ناھىيىدە 34 يېزا بولۇپ، ھازىر بۇ يېزىلاردىكى ئالاقە ئەسلىھەلىرى ۋە قاتناش ئاساسىي جەھەتتىن نورماللاشتۇرۇلۇپ بولۇنغان. بۇ قېتىم يەر تەۋرىگەن چىڭچۈئەن ناھىيىسى، بېيچۈئەن ۋە ۋېنچۈئەن ناھىيىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، يەر تەۋرەش بەلۋېغىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىمۇ بىر - بىرىدىن ئانچە ئۇزۇن ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى 25 - ماي كۈنى سائەت 12دە سىچۈئەندىكى تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 62664 ئادەمگە، يارىدار بولغانلارنىڭ 358816 گە، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ 23775 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدە ئاپەت نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 50 مىڭغا يېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان بولسا، مانا ئەمدى بۇ ساننىڭ بەلكى 80 مىڭغا يېتىشى پەرەز قىلىنماقتا.