خىتايدا يەر ئۈستى سۈيىنىڭ 25 % بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان
2005.10.28
خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدىكى دائىرىلەر، خىتايدا سۇنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، سۇ بايلىقى يېتىشمەسلىك ۋەزىيىتى جىددىلىشىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. خىتايدا ئىنگلىزچە چىقىدىغان "جوڭگو گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ بىر ئىنجىنىرى، نۆۋەتتە خىتاي بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ 25 % بۇلغۇنۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى، چوڭ شەھەرلەردە بولسا يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغۇنۇشى 50 % كە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ئىنجىنىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا يەر ئاستى سۈيىنى ھەددىدىن زىيادە قېزىش سەۋەبىدىن، يەر ئاستى سۇ مەنبەئەلىرى ئاساسەن قۇرۇپ كېتىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى 600 دىن ئارتۇق شەھەر ئىچىدە تەخمىنەن 400 يۈزدەك شەھەر سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا دۇچ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا 90 دىن ئارتۇق دەريا ئېقىنى قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان.
خىتايدا سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر جايلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى. مۇتەخەسسىسلەر، يەر ئاستى سۈيىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ قېزىش سەۋەپلىرىدىن تۇرپان كارىزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا ئىدى. (ئەركىن)