خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكتىگە قارشى خەلقئارا جامائەتنى ياردەمگە چاقىردى
2006.07.03
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزالىرىغا قارشى ئېلىپ بارىدىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بېيجىڭدا مۇخبىرلارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي دىپلوماتلىرى ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلەرنى كۈچەيتكەنلىكى توغرىسىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلاتلار تېزىملىكىگە كىرگۈزدى. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش خەلقئارا تېرروچىلىققا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ".
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن ھەپتە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي دىپلوماتلىرىنى ئېلىپ قېچىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن خىتاي دىپلوماتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى "شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزالىرى خىتاي دىپلوماتلىرىغا قارىتا ھۇجۇمغا تەييارلىنىۋاتىدۇ" دېگەنگە ئوخشاش يالغان خەۋەرلەر تارقىتىش ئارقىلىق پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق: ئۇيغۇر "تېررورچىلىرى" پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىلىرىنى گۆرۆگە ئالماقچى بولغانلىقى ئويدۇرما
- خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاندا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنى پىلانلىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى
- ئامېرىكا جۇڭگوغا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى بىكار قىلدى
- قىرغىزىستان خىتاي بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە زەربە بېرىشكە پۈتۈشتى