خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا سوتچىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىردى

خىتاي، شاڭخەي گۇرۇھىدىكى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئالىي سوتچىلىرىنى خىتاي بىلەن تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىردى. خىتاي ئەمەلدارلىرى پەيشەنبە كۈنى باشلانغان شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر ئالىي سوتچىلىرىنىڭ يىغىنىدا پەقەت تېررور، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بەرگەندىلا سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جۈن، "بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ھەر خىل - ھەر شەكىلدىكى تېررورلۇق پائالىيەتلەر قۇترۇماقتا " دەيدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ياكى ئۇيغۇر سىياسىي ، دىنىي ئۆكتىچىلىرىنى " ئۈچ خىل كۈچلەر " دەپ ئەيىبلىسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا، دەپ قارايدۇ.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر دىنىي پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تېررورچىلار بىلەن بىر ئورۇنغا قويماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،خىتاي ئەمەلدارلىرى يىغىندا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ پائالىيىتىنى بۇ دۆلەتلەردە " جىنايى ھەرىكەت" دەپ تونۇش ۋە بۇ كىشىلەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىرىپ، بۇ شەكىلدە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا بۇ يىغىننى ئەيىبلىدى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت،" خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېررورچىلىق بىلەن باغلاپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يوشۇرماقتا " دەيدۇ. (ئەركىن)