تەيۋەن يازغۇچىسى بو ياڭ ئەپەندىنىڭ "رەزىل جۇڭگولۇقلار" دېگەن ئەدەبىي مىراسى ھازىر دۇنيادا قەدىرلەنمەكتە

يېقىندىن بۇيان دۇنيادا مىقياسىدا، تەيۋەن يازغۇچىسى بو ياڭ ئەپەندىنىڭ "رەزىل جۇڭگولۇقلار" دېگەن ئەدەبىي مىراسنى ئەسلەيدىغان كىشىلەر كۆپەيدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن يازغۇچىسى بو ياڭ ئەپەندى 1980 ‏ - يىللاردا يېزىپ چىققان "رەزىل جۇڭگولۇقلار" دېگەن بىر ئەدەبىي ئەسەر ئەينى ۋاقىتتا بىر ئەۋلاد ئادەمگە قاتتىق تەسىر قىلىپلا قالماي، بەلكى يېقىندا بو ياڭ ئەپەندى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالىشىپ، ئولىمپىك مەشئىلى مەسىلىسى بۇيىچە يۈز بەرگەن پىكىر ئىختىلاپىدا، بو ياڭ ئەپەندىنىڭ "رەزىل جۇڭگولۇقلار" دېگەن ئەدەبىي مىراسىدىكى ئاچچىق تەنقىدلەرنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئۆستى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بو ياڭ ئەپەندى "رەزىل جۇڭگولۇقلار" دېگەن ئەسىرىدە، تارىخى خاتىرىلەردىكى سانسىز دەلىللەرگە ئاساسەن، خىتايلارنى 'پاسىق'، 'تەرتىپسىز'، 'جىدەلخور' ، 'ئۆزىدىكى خاتالىقنى ئۆلگۈچە ئېتىراپ قىلمايدىغان' دەپ تەسۋىرلىگەن، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى بولسا 'كومزەكتە سېسىتىلغان مەدەنىيەت' دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ئەينى زاماندا، بۇنداق دەلىل - ئىسپاتلىق ئاچچىق تەنقىدكە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى چىداپ تورالمىغانلا ئەمەس، بەلكى تەيۋەندىكى گومىنداڭچىلارمۇ چىداشلىق بېرەلمەي ، بو ياڭ ئەپەندىنى 'كوممۇنىست پارتىيىنىڭ جاسۇسى' دېگەن بەدنام بىلەن تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى.

ھازىر تەيۋەندىكى تەينەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بو ياڭ ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى كۆرگەزمىسى بار، بۇ كۆرگەزمىگە بو ياڭ ئەپەندى بىر ئۆمۈر يېزىپ قالدۇرغان 10 نەچچە مىڭ پارچە ئەدەبىي بايلىق توپلانغان.