تىبەتنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قارشى شۇئارلار يېزىلغان، لوزۇنكىلارنى كۆتەرگەن نامايىشچىلار، ئولىمپىك يىغىنىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، خەلقنى فرانسىيە تاۋارلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.
گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق نامايىشلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزىچىلەر بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قوللۇق تەشكىللەۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا.
ھەتتا، نۇرغۇنلىغان خىتاي زىيالىيلىرى، خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزكۇر نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ نامايىشقا قاتناشقانلارنى مەسخىرە قىلماقتا.
بۇ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ۋاڭ چيەنيەن ۋە ياڭلىلى قاتارلىق بىر تۈركۈم خىتاي زىيالىيلىرى مۇنداق دەيدۇ. " خەلقىنىڭ سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنسا، ئەركىن پىكىر قىلىش، ئەركىن تەشكىللىنىش ھوقۇقى چەكلەنسە؛ ئىنسانىي ھەق تەلەپ قىلغانلارنى سولاپ قامىسا، سۈكۈتتە تۇرغانلارنىڭ، غەرب ئەللىرىگە ۋە تىبەتلىكلەرگە قارشى تۇرۇشى كۈلكىلىك بىر ئىش . بۇلار پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا كوچىغا چىقىۋالغان ساختا ۋەتەنپەرۋەرلەردۇر."