'تيەنئەنمېن ئانىلىرى' تەشكىلاتى ئىنتېرنېت تور بېتى ئاچتى

'تيەنئەنمېن ئانىلىرى' تەشكىلاتى 5 ‏ - ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنى ئىنتېرنېت تور بېتى ئاچتى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان بىر تەشكىلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن 19 يىل بۇرۇن تيەنئەنمېن مەيدانىدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان ياش ئەۋلادلارنىڭ ئاتا ‏ - ئانىلىرى، ئېرى، خوتۇنى ياكى ئاكا - سېڭىللىرىدىن تەركىپ تاپقان.

ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان بۇ تەشكىلاتتىكى كىشىلەر ھازىر، شۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى پاش قىلىشقا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى، شۇنداقلا بۇ دېموكراتىيە جەڭچىلىرى ئۈچۈن تەقلىتەن ئابىدە تىكلىدى.

بۇ تەشكىلات ھازىر، تارىختىكى ناھەق دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر چوڭ تاشنى يۆتكەپ، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە دولقۇنىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئارزۇ قىلماقتا.