خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاخبارات ئالاقىچىسىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرى، يېقىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى تور پونكىتىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ جۇڭگو ھەمدە چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يەنىمۇ ئېچىۋېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى تور پونكىتىدا تۇنجى قېتىم ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاساسىي تور بەتلىرىنى ئۇلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكى، پائالىيەت ئۇقتۇرۇشى، ئاخبارات ئالاقىچىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى قاتارلىقلار ئوچۇق ئېلان قىلىنغان ئىكەن.
خەۋەردە يەنە، ھازىرغا قەدەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللەر ئۆمىكى، رويېتىرس ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى قاتارلىق خىتاينىڭ ئىچى - سىرتىدىكى 20 نەچچە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى ئاشكارىلانغان. گەرچە، خەۋەردە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرىنىڭ، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن قولايلىق شارائىت ھازىرلانغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ خىل قولاي شارائىتتىن پايدىلىنىشى يەنىلا قىيىنغا توختىماقتا.
ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرىنىڭ ئاخبارات ئالاقىچىسىنىڭ تېلېفونىغا ھەر قانداق قىلىپمۇ ئۇلىشالمىغان بولۇپ، تېلېفونى ئۇلاشقان بىر قىسىم ۋەكىللەرمۇ، مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان. (ئەقىدە)