خىتاي ساقچىلىرى سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنى قولغا ئالدى

خىتاي ساقچىلىرى شەنبە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ دۇجىياڭيەن شەھىرىدە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىشقا ئۇرۇنغان، يېقىندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە مەكتەپ بىنالىرىنىڭ چۆكۈپ كىيىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنى قولغا ئالدى.

سىچۈەندىكى يەرتەۋرەشتە، مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە بىر قىزى ئۆلگەن، ھۇجىيەن ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ دۇجىياڭيەن شەھىرىدىن رويتېرىس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان بىرنەچچىلىگەن كىشىلەرنى قولغا ئالغان.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 70000 ئەتراپىدا ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 9000 نەپىرى ئوقۇغۇچىلار. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپ بىنالىرىنىڭ يەر تەۋرەشتە چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە قۇربان بولغان ئىدى.

يەرتەۋرەشتە ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى مەكتەپ بىنالىرىنىڭ ياسىلىشى جەريانىدا مەزكۇر بىنالارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق دەرىجىسىگە دىققەت قىلمىغان ۋە بىنالارنى تەكشۈرمىگەن دەپ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەيىبلىمەكتە ھەمدە ھۆكۈمەتتىن بۇ مەسىلىدە مەسئۇلىيىتى كۆرۈلگەن ھۆكۈمەت خادىملىرىنى جازالىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

لېكىن بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاتا - ئانىلارنىڭ شكايەتلىرىنى ئاڭلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئاتا - ئانىلارنى تۇتۇپ - قاماپ، نارازىلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن ئۇلارغا تەھدىت قىلماقتا ئىكەن