ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك قارارگاھىنىڭ گېنېرالى جېفرېي خورېن ئالدىنقى كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى قوراللىرىنى " ئەسەبىيلىك" بىلەن راۋاجلاندۇرۇۋاتقانلىقى شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ ۋەزىيىتىدە زور تەسىرى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرى چىن گاڭ، ئامېرىكا گېنېرالىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، پەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا " بىز بۇ تۈردىكى بايانلارنى قوبۇل قىلمايمىز. بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىمىز ۋە سىياسىتىمىز ئىزچىل ھەم ئېنىق "دەپ كۆرسەتتى.
چىن گاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ۋە سىياسىتى ئالەم بوشلۇقىدا قوراللىنىش ياكى ئالەم بوشلۇقىدا ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرۇش ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ ھېچقاچان ئالەم بوشلۇقىدا ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە قاتناشمىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن چىن گاڭ، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ 2007 - يىلى 1 - ئايدا ئېلىپ بارغان ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر كېرەكسىز ھاۋا رايى سۈنئىي ھەمراھىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش سىنىقىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا قوراللىنىش تۈرىگە كىرىدىغان ياكى كىرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىدى.
ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك بىرلەشمە قارارگاھىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى خورېن، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ يېقىنقى بىر يازما يوللانمىسىدا گېزى كەلسە دۈشمەننىڭ جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھلىرىنى، يولباشلىغۇچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى سۈنئىي ھەمراھلىرىنى "گاس ۋە قارىغۇ" قىلىۋېتىشنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئېيتقان.