جۇڭگو بانكىسى تېررورچىلارغا پۇل ئوبوروت قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

ئىسرائىلىيىدە ئۆزلىرىنى تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دەپ قارايدىغان 100 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيىلىك پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ بانكىلىرىدىن بىرى بولغان جۇڭگو بانكىسى ئۈستىدىن ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، مەزكۇر بانكىنىڭ پەلەستىن تەشكىلاتلىرىغا پۇل ئوبوروت قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

داۋاگەرلەر ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانجېلېس رايونىدىكى سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرىزنامىسىدە جۇڭگو بانكىسىنىڭ پەلەستىن جاھاتچى تەشكىلاتلىرىدىن خاماس ۋە ئىسلامى جىھاد ھەرىكىتىگە پۇل ئوبوروت قىلىپ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ پۇل ئابوروتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

داۋاگەرلەرنىڭ ئادۋوكاتى نىتسانا دارشان - لېيتنېر جۇڭگو بانكىسىنى " خاماس ۋە ئىسلامى جىھادنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ياردەمدە بولغان" شۇنداقلا مەزكۇر بانكىنىڭ ئامېرىكىدىكى شۆبىلىرى ئارقىلىق پۇل ئوبوروت قىلىشى ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەرىزنامىدا، 2004 ‏ - يىلدىن 2007 ‏ - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ مالىيە مەنبەسى جۇڭگو بانكىسى ئوبوروت قىلغان بۇ پۇللاردىن كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئەرىزنامىدا داۋاگەرلەر يەنە، 2003 ‏ - يىلى ئىيۇلنىڭ باشلىرى جۇڭگو بانكىسىنىڭ بۇ تەشكىلاتلار ئۈچۈن بىر قانچە مىليون دوللار پۇل ئابوروت قىلغانلىقىنى، بۇ پۇللارنىڭ كۆپ قىسىمى ئوتتۇرا شەرقـتىن جۇڭگو بانكىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى شۆبىلىرىگە يوللانغانلىقى، بۇ يەردىن گۇاڭجۇدىكى تارماق بانكىسىغا يۆتكەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى 2005 ‏ - يىلى 4 ‏ - ئايدا خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ۋە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو بانكىسىنىڭ پەلەستىن تەشكىلاتلىرىغا پۇل ئابوروت قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەرىزنامىدا بۇ پۇللارنىڭ غەربىي قىرغاق ۋە گازادىكى تەشكىلات باشلىقلىرىغا يوللىنىپ، "تېررورلۇق ھۇجۇملارنى پىلانلاش ۋە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن" لىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن جۇڭگو بانكىسى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ھازىرغا قەدەر پىكىر بىلدۈرمىدى.