بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، 'جۇڭگو بانكىسى' بۈگۈن بۇ ئەرزدە ئېيتىلغان ئەيىبلەشنى رەت قىلدى ۋە پاكىتلارنى ئىقرار قىلمىدى.
بۇ شىكايەتنامىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ جۇڭگو بانكىسى 2003 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ خاماس، ھېزىبۇللا دېگەن تەشكىلاتلارنىڭ ھېساب نومۇرىغا بىر نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى يۆتكەپ بەرگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، تور بەتلىرىدە ئاشكارىلانغان تېررورچىلىق ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك 387 مىليارد يۈئەنلىك 1239 دېلو 'جۇڭگو بانكىسى' بىلەن مۇناسىۋەتلىك.