ئەنگلىيە باش مىنىستىرى گوردون براۋن جۈمە كۈنى، لوندوندا تىبەتلەرنىڭ رەھبىرى دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چېڭگاڭ، شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون براۋننىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ھەمدە ئەنگىلىيە پارلامېنتنىڭ دالاي لامانى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىدە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا دوكلات سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئەنگىلىيە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىلىرىگە سەل قاراۋاتىدۇ، دېگەن.
ئۇ باياناتىدا شۇنداقلا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن، خىتاي بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، خىتايغا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى مارت ئېيىدا تىبەتتە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى باشلانغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، خەلقئارا جامائەت بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمى بىلەن، تىبەت مەسىلسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى سۆھبەت يېقىندا خىتاينىڭ شىنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
دالاي لاما ئەنگىلىيە زىيارىتى جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، ئەگەر ئۆزىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ياخشى نەتىجە بەرسە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
لېكىن، نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن بىر نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، تىبەت مەسىلسىدە خەلقئارادا خىتايغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى پەسەيتىش ئۈچۈنلا، دالاي لاما تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلماقتا.