خىتاي 'دۇنيانىڭ زاۋۇتى بولۇش' دەۋرى تۈگەشكە يۈزلەندى

'ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى' گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، شۋېتسارىيە ئىناۋەتلىك قەرز گۇرۇھى خوڭكوڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى تاۋدۇڭ يېقىندا خىتاي دۇنيانىڭ زاۋۇتى بولۇش دەۋرى ئاخىرلاشماقتا، دېگەن.

مەزكۇر شىركەت ئېلان قىلغان دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ۋيېتنام، ھىندىستان قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ چەتتىن مەبلەغ جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە مەنپەئەت يەتكۈزۈدىغان پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسدىلا چەتتىن مەبلەغ سالغان زاۋۇتلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە تاقىلىپ كېتىدۇ.

خوڭكوڭ سانائەت بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچىمۇ، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئۆلكىلىرىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان كىيىم - كېچەك، ئاياق، ئويۇنچۇق قاتارلىق ماللار خىتاي ئېكسپورتىنىڭ %60 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئالدىنقى بەش يىل ئىچىدە گۇاڭدۇڭدىلا ئىشچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ھەسسىلەپ ئاشقان ئىدى.

بۇ يىل خىتايدا 'ئەمگەك توختام قانۇنى' ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئەمگەك كۈچى تەننەرقى %20 دىن كۆپ ئۆرلىدى. ترانسپورت تەننەرقىمۇ %20 دىن كۆپ ئۆرلىدى. ھازىر خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان بۇنداق ئەھۋالدا، بۇ يىل بۇ ئۆلكىدە خوڭكوڭدىن مەبلەغ سېلىنغان 14 مىڭ شىركەت تاقىلىپ كېتىشى مۇمكىن، كېلەر يىلى تاقىلىدىغان شىركەتلەر تېخىمۇ كۆپ.