شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتىن سىگنال، ئايروپىلان بېيجىڭ ئايرۇدۇرۇمىدىن ئۇچۇشقا تەييارلانغان بىر ۋاقىتتا بېرىلگەن.
سىگنالدىن كېيىن، ئايروپىلان خادىملىرى ۋە كۈتكۈچىلەر، ئايروپىلاندىكى 117 يولوچى دەرھال ئايروپىلاندىن چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان قالايمىقانچىلىقتا، ئۇچ كىشى يارىلانغان. ھادىسىدە يارىلانغانلارنىڭ ئىككىسى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھادىسە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تېخى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى بېيجىڭ ئولىمپىكى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تېررور تەھدىتى دەپ كۆرسىتىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، مارت ئېيىدا ئۇيغۇر قىزى گۈزەلنۇر تۇردىنى، جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىر يولۇچى ئايروپىلاننى پارتلاتماقچى بولغان دەپ، ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق دەلىل ئىسپات ئوتتۇرىغا قويمىغان.
مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمنى تەرىپىدىن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىنغان ئەمەلىيەتكە سىغمايدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە بۇ ھەقتە خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقاتلار، ھەم خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ھەم خىتاي پۇقرالىرىنى ھەددىدىن تاشقىرى سەزگۈرلەشتۈرۈۋەتكەن دەپ، كۆرسەتمەكتە.